شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك مۇجادىلىسى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان پېشقەدەم ژۇرنالىست، جامائەت ئەربابى غۇلامىدىن پاختا 19-فېۋرال نىيۇيوركتا 95 يېشىدا ۋاپات بولدى.
مەرھۇم 1930-يىلى 15-ئاپرېل قەشقەردە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى 1933-1934-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. غۇلامىدىن پاختا 50-يىللارنىڭ بېشىدا تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بىر مەزگىل تۈركىيەدە خىزمەت قىلغان. 1955-يىل گېرمانىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن بارغان ۋە كېيىنكى يىللاردا «ئازادلىق رادىيوسى»، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىدا خىزمەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا، خۇسۇسەن غەرب دۇنياسىغا يەتكۈزۈشكە زور تۆھپە قوشقان.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋەتەنپەرۋەرلىكى، مىللەتپەرۋەرلىكى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەرھۇم غۇلامىدىن پاختىنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدى ۋە تەزىيەلىرىنى بىلدۈرۈشتى.