خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى فىلىپپىن ئايروپىلانىغا خەتەرلىك ھالدا يېقىنلاشقان بولۇپ، خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.
ب ب س قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن دېڭىز ساقچى ئىدارىسى تارقاتقان سىنغا ئاساسلانغاندا، 18-فېۋرال خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق رايوندا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان فىلىپپىن ئايروپىلانىغا ئىنتايىن خەتەرلىك ھالدا يېقىنلاشقان. بۇ تىك ئۇچارنىڭ فىلىپپىن ئايروپىلانى بىلەن پەقەت ئۈچ مېتىر ئارىلىقى قالغان بولۇپ، ئۇچقۇچى رادىيو ئارقىلىق خىتاي ئايروپىلانىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي ۋەقە يۈز بەرگەن سىكاربورو ئارىلىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى يىللاردىن بۇيان دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايون فىلىپپىن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن.
ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىسى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئايروپىلانىغا خەتەرلىك ھالدا يېقىنلىشىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى ۋەدىسىنى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ كەسپىي بولمىغان بۇ ھەرىكىتىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، رەسمىي دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرۈشنى پىلانلىغان.
خىتاي بولسا فىلىپپىننىڭ ئەيىبلىشىگە قارشى چىقىپ، فىلىپپىن تەرەپنى قانۇنسىز بۆسۈپ كىردى ۋە يالغان بايانلارنى تارقاتتى، دەپ جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ