ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە تۆت نۇقتىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا-رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مۈشكۈل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە تۆت نۇقتىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مۇناسىۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەسلىھەتلىشىش مېخانىزمى قۇرۇشقا، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار ئۆمەكلىرىنىڭ نورمال ئالاقە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كېلىشكەن. ئىككى تەرەپ يەنە ئۆز-ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گۇرۇپپىسىنى تەيىنلەپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى تېزدىن، ئۇزاق مۇددەتلىك، داۋاملىق ۋە ھەر قايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلغۇدەك تەرىقىدە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشقا كېلىشكەن.
باياناتتا يەنە ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا، ئورتاق گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى بار ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەمەلىيلىشىدىكەن.
ئاخىردا سۆھبەتكە قاتناشقۇچى ۋەكىللەر ئالاقىنى ساقلاپ، ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ۋەدە بېرىشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ