تىرامپ ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئەۋلاد داۋاملاشقان رۇسىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى

تىرامپنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن رۇسىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى، دەپ قارالماقتا.

19-فېۋرال نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە بۇ توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان ماقالىدە تىرامپ دەۋرىدىكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنغان.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تىرامپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. تىرامپ ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشقا جاۋابكار ئىكەنلىكىگە، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىگە ئىما قىلغان. ئۇ ئۇكرائىنا رەھبەرلىرىنىڭ زېمىن مەسىلىسىدە يول قويۇشنى خالىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپنىڭ بۇ ئىپادىلىرى رۇسىيەنى تەھدىت دەپ قارايدىغان ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن روشەن پەرقلەنگەن بولۇپ، بۇ ئىتتىپاقداشلار ۋە رەقىبلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا باھالاپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 483 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2025 10:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق