ھىندىستان رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانى ئارىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلدى

ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ F-35 كۆرۈنمەس ئايروپىلانى ياكى رۇسىيەنىڭ 57-SU ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن بىرىنى تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 19-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان مۇھىم بىر قارار چىقىرىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، ئامېرىكىدىن تېخىمۇ ئىلغار F-35 تىپلىق كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش ياكى رۇسىيەنىڭ 57-SU تىپلىق ئايروپىلانىنى تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن. پىرېزىدېنت تىرامپ ئېلان قىلغان F-35 ئايروپىلانى سودىسى ھىندىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىكەن، ئەمما ھەربىي تېخنىكىنىڭ تارقىلىپ كېتىش ئەندىشىسىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئىككىدىن بىرىنى تاللىشى كېرەكلىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ رۇسىيە قوراللىرىغا بولغان تارىخىي تايىنىشى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك مەنبە بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشقان. بۇ قارار ھىندىستاننىڭ مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ۋە كەلگۈسىدىكى دۇنياۋى ھەربىي مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 529 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2025 10:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق