ھىندىستان تىرامپنىڭ غەرب ئەللىرىنى تاشلىۋېتىش سىياسىتىنى پۇرسەت دەپ بىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.
تاشقى سىياسەت تورىنىڭ 19-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھىندىستاننىڭ تاشقى سىياسىتىنى تارىخىي تەرەپسىزلىكتىن «كۆپ تەرەپلىمە ماسلىشىش» دەپ ئاتالغان ئىستراتېگىيەگە ئۆزگەرتكەن بولۇپ، كۆپلىگەن كۈچلۈك دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا كۈچىگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن كۆرۈشكەندە، مودى تىرامپنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ماسلىشىش ئۇسۇلىنى كۆزەتكەن. تىرامپ يۈزلىنىۋاتقان بۇ ئۇسۇل ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا بولغان مەجبۇرىيەت ۋەدىسىنى ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم تۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مودى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە، رۇسىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقنى ساقلاپ، خىتاي بىلەن داۋاملىشىۋاتقان چېگرا تالاش-تارتىشىدىن كېلىپ چىققان مۇرەككەپ مۇناسىۋەتنى كونترول قىلىشقا تىرىشقان. بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ تىرامپنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تاشقى سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن بولغان.
بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، مودى ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى داۋالغۇپ تۇرغان مۇھىتتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان.
گەرچە تىرامپنىڭ مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تاشقى سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، مودىنىڭ تىرامپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇپ، بۇ ھىندىستاننىڭ يېڭى گېئوپولىتىكىلىق مۇھىتقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. مودى ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا بېجى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تېز ھەرىكەت قىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان تىرامپنىڭ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنىڭ بەزى گېئوپولىتىك كەسكىنلىكنى پەسەيتىپ، ئاسىيا، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ تەڭپۇڭ يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ