خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش پىلانىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ھەمدە خىتايغا تۇتاشقان تاشيوللارنى كۆپەيتىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» سودا ئىشلىرى ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شېنجېن-قورغاس-ئالمۇتا-ياۋروپا «TIR يۈك ئاپتوموبىلى+خەلقئارا پۈتۈن يۈك ئايروپىلانى»دىن ئىبارەت ئىككى دېڭىز ھالقىغان تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. بۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاستىن خىتاينىڭ شېنجېنغا تۇتىشىدىغان ھاۋا يولى ئىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە B737-700F تىپلىق يۈك ئايروپىلانى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يۈك توشۇش مىقدارى 17.5 توننىغا يېتىدىكەن. توشۇلغان يۈكلەر شېنجېندىن يولغا چىقىپ، TIR يۈك ئاپتوموبىلى ئارقىلىق قورغاس پورتىغا توشۇلىدىكەن. تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا خەلقئارا ئايروپورتىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىكەن. ئايرودۇرۇمدا قاچىلاپ توشۇش تاماملانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يۈك ئايروپىلانى ئالمۇتا خەلقئارا ئايروپورتىدىن يولغا چىقىپ، كاسپىي دېڭىزى، قارا دېڭىز رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ياۋروپاغا جايلاشقان سىپرۇس لاناكا خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدىكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ۋە بۇ پىلانىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى كېڭەيتمەكتە ۋە شۇنداقلا تۆمۈر يول ۋە تاشيوللارنى خىتايغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا. خىتاي يەنە جەنۇبىي دېڭىزىدىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك، ماللارنى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق چەت ئەلگە توشۇش بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى خىتاي ۋە چەت ئەلگە توشۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 885 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2025 10:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق