فىلىپپىن خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا ياسىغان تايفون باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ 18-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن خىتاينىڭ چېكىندۈرۈش تەلىپىگە قارىماي، ئامېرىكا ياسىغان تايفون باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تايفون باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە قورال مەشىق مانېۋىردا كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ سىرتقى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا ھەر قايسى رايونلارغا تارقالغان 6000 ئەسكەر قاتنىشىدىغان بولۇپ، مانېۋىردا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن.
فىلىپپىن يەنە ھىندىستاندىن ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، رايوندىكى ۋەزىيەت كەسكىن بولۇۋاتقان شارائىتتا تايفون باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ