ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە بومبىلارنى ئەۋەتتى

ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە بىنالارنى تۈزلىۋېتەلەيدىغان 2000 قاداقلىق بومبا ئەۋەتكەن.

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەرلىرى تورىنىڭ 18-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى غەززە رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى سەۋەبلىك ئامېرىكىدا ياسالغان MK-84 بومبىسىنى ئىسرائىلىيەگە بېرىشنى ۋاقىتلىق توختاتقان. ئەمما تىرامپ ھۆكۈمىتى ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە بومبا يەتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى تىرامپقا رەھمەت ئېيتقان. بۇ كۈچلۈك بومبىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلىش كۈچى بار بولۇپ، داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا ھاماس ۋە ئىرانغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر، دەپ قارالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، زىچ ئاھالىلىك رايونلاردا بۇ خىل بومبىلارنى ئىشلىتىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى مەسىلىسى خەلقئارادا دىققەت قوزغىغان بولۇپ، خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۇرۇشتا بۇ خىل قوراللارنى ئىشلىتىش ئۇرۇش جىنايىتى دەپ قارىلىشى مۇمكىن ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ كۆپ ساندىكى پۇقرالارنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇرۇشتا ئىنسانپەرۋەرلىك ئامىللىرىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 668 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2025 09:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق