ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 17-فېۋرال تۇنجى قېتىم ياپونىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ رايون سىرتىدىكى كەم ئۇچرايدىغان زىيارەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ئايرى خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالدىنقى شەنبە كابۇلدىن يولغا چىققان بولۇپ، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زىيارەت بىر ھەپتە داۋاملىشىدىكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى مائارىپ مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لەتىف نارازى شەنبە كۈنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ھېساباتىدا: «كۈچلۈك، بىرلىككە كەلگەن، گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ئافغانىستان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئىززەت-ھۆرمەت ئاساسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يازغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى قوشنا دۆلەتلەر ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، ياۋروپاغا پەقەت ئىككى قېتىملا رەسمىي زىيارەت ئۆمىكى ئەۋەتكەن بولۇپ، 2022- ۋە 2023-يىللىرى نورۋېگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان.

2021-يىلى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى يىمىرىلىپ، تالىبان ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىخانىسى ۋاقىتلىق قاتارغا كۆچۈرۈلگەن. ئەمما ياپونىيە ئەلچىخانىسى كېيىن قايتا ئېچىلىپ، ئافغانىستان تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى دىپلوماتىيە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئافغانىستان ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ھەر تەرەپلىمىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 818 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2025 09:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق