ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئورگان تور بېتىدىكى «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز» دېگەن سۆزنى ئۆچۈرۈۋەتكەن بولۇپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېتىدىكى تەيۋەنگە ئالاقىدار بايانلارنى يېڭىلاپ، «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايمىز» دېگەن ئىبارىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بۇ قېتىمقى يېڭىلاشتا تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاتنىشىش ھوقۇقى بارلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن بولغان تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.

بۇ يېڭىلىقنى ئېلان قىلغان باياناتچى بۇنىڭ نورمال يېڭىلىنىش ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدىكى تەلەپ بويىچە ئامېرىكىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى»دە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى بىر تەرەپلىمە ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە خىتايغا بەرگەن مۇھىم سىگنالى ئىكەن. تەيۋەن ئەمەلدارلىرى بۇ ئۆزگىرىشنى قارشى ئالغان ۋە بۇ يېڭىلىقنى ئامېرىكا بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بەلگىسى، دەپ قارىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گو جياكۈن 17-فېۋرال بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى چېكىنىش ئىكەنلىكى، ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى»گە ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا زىت ئىكەنلىكى، تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەسلىكى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 812 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2025 11:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق