مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا خىتاي مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا، تېخنىكا ساھەسىدە تىركىشىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا رىقابىتى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 17-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخنىكا ساھەسىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇلار خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە ھەربىي تېخنىكا جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى تىلغا ئالغان. سابىق پارلامېنت ئەزاسى مايك گالاگېر ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىلغار ئۆزەك ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار خىتاينىڭ تېخنىكا جەھەتتە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل جەھەتتە ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈنۈملۈك رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ، تەيۋەن ئەتراپىدىكى كەسكىن ۋەزىيەت ۋە ھەربىي تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىلىرى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 733 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2025 10:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق