ئۆزبېكىستاندا خىتايلارنىڭ چەكتىن ئاشقان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆزبېك خەلقى بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك يازمىلار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى كۈنلەردە تارقالغان «مۇشرىكلار تاشكەنتتە» ماۋزۇلۇق بىر يازمىدا خىتايلارنىڭ ئۆزبېكىستان قانۇنىنى كۆزىگە ئىلماي خالىغانچە ئىش قىلىشقا باشلىغانلىقى، ئەگەر خىتايلار قىلغان پائالىيەتنى ئۆزبېك خەلقى قىلغان بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەستىن ئېلىپ كېتىدىغانلىقى، ئەمما نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ ئۆزبېكىستاندا خالىغانچە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى، رايونلۇق ھۆكۈمەت ياكى بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
يازمىدا يەنە بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندا زور مىقداردا قەرز بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بىرلەشمە كارخانىلارنى، سودا رايونلىرىنى قۇرۇش باھانىسىدا ئۆزبېكىستانغا مۇقىم ئورۇنلىشىپ كەتكەنلىكى، ئاخىردا دۆلەت قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشنى باشلىغانلىقى، خىتايلارنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، قانۇنسىز پائالىيەت ۋە نامايىش تەشكىللىشىدىن ھېچكىم ھەيران قالمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئىلگىرى خىتايلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە سەل قارىغانلىقى سەۋەبلىك، بۈگۈنكى كۈندە بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.
يازمىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايلار تاشكەنتتە خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى خىتايلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. مەزكۇر پائالىيەتنى 15-فېۋرال ئەتىگەندە پايتەختنىڭ چىلانزار رايونىدىكى دۆلەتلىك باغچە تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتتە خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرگەن خىتايلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ، ھەر خىل شوئار توۋلاپ، ئاممىۋى پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. خىتايلار كۆتۈرۈۋالغان پىلاكاتتا «بىز كۈچلۈكمىز» دېگەن خەتلەرنىڭ يېزىلغانلىقى مەلۇم بولغان.
يازمىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر سىناقلىرىدىن ساۋاق ئېلىشى، توغرا خۇلاسە چىقىرىشى كېرەكلىكى، چۈنكى تارىختىن توغرا يەكۈن چىقارمىغان مىللەتنىڭ ئاخىردا ئۆزى زىيان تارتىدىغانلىقى، بۇنىڭغا كۆپ قېتىم شاھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ