شى جىنپىڭ خىتاي سودىگەرلەر بىلەن جىددىي يىغىن ئېچىشقا مەجبۇر بولدى

شى جىنپىڭ خىتاي سودىگەرلەر بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن ئېچىپ، خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ 17-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ داڭلىق شەخسىي كارخانىچىلار بىلەن يىغىن ئاچقان بولۇپ، قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا شياۋمى، ئەلىبابا، BYD ۋە خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى بار ئىكەن.

يىغىنغا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەمەلدارلار قاتناشقان بولۇپ، بۇ يىغىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە شەخسىي ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. بولۇپمۇ خىتايدىكى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە تاشقى قىيىنچىلىقلارنىڭ كۈچىيىشى تېخىمۇ مۇھىم سەۋەب بولغان.

بىر سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر شى جىنپىڭ سودا ساھەسىنى قوللايدىغان پوزىتسىيەنى كۆرسىتەلىسە، ئىقتىسادقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەكسىچە، ئەگەر شى جىنپىڭ شەخسىي كارخانىلارغا قارىتا دۆلەت كونتروللۇقىنى تەكىتلىگەن تەقدىردە، خىتايدىكى بازار ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يىغىن شى جىنپىڭنىڭ كەم ئۇچرايدىغان پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئوخشاش يىغىن 2018-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2025 10:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق