تىرامپنىڭ غەززە خەلقىنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانى سەۋەبلىك ئەرەب دۆلەتلىرى مۈشكۈل تاللاشقا دۇچ كەلگەن.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 17-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئوتتۇرىغا تاشلىغان غەززە پىلانىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ پىلان ئەرەب رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغان. يېقىندا ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئاقسارايدا بېسىمغا دۇچ كەلگەن. ئۇ تىرامپنى قوللاش بىلەن غەززەدىكى ئىرقىي تازىلاشنى رەت قىلىش ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تىرىشقان. شۇنىڭغا ئوخشاش، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ۋاشىنگتونغا بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلغان. بۇ مىسىرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە تايانسىمۇ، غەززە خەلقىنى كۆچۈرۈش پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. سەئۇدى جەمەتىمۇ ئامېرىكىغا زىيارەتكە بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلغان. بۇ ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىش پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرەب رەھبەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا جىددىي يىغىن ئېچىپ، تىرامپنى ئەرەب ئەللىرىدىن يىراقلاشتۇرمايدىغان ۋە ئۆز خەلقىنى نارازى قىلمايدىغان، بىرلىككە كەلگەن بىر پىلان بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا تىرىشماقتىكەن.
تىرامپنىڭ پىلانىنى قوبۇل قىلىش ئۇلارنى داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ شېرىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش مۇمكىنلىكى سەۋەبلىك، بىرلىككە كەلگەن ئىستراتېگىيە تۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۇ قىيىن ئەھۋال ئەرەب دۆلەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كىملىك كىرىزىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ تەسىرى بىلەن رايون مۇقىملىقى، ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ دەخلىگە ئۇچرىماسلىقى ۋە زور كۆلەملىك كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ئارىسىدا تېڭىرقاپ قالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ