خىتاي ئارمىيەسى كاناداغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئارمىيەسى كانادا ھەربىي پاراخوتىنىڭ سەزگۈر ھېسابلىنىدىغان تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خىتاي ئارمىيەسى كانادانىڭ HMCS Ottawa ناملىق ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى كۈچەيتتى ۋە قانۇنىي پىرىنسىپلارنى بۇرمىلىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي شەرقىي ئۇرۇش رايونى قوماندانلىق ئىشتابى كانادا قوغدىغۇچى كېمىسىنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشىنى كۆزەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كانادانىڭ بۇ رايوندىكى تىنچلىقنى قەستەن بۇزغانلىقىنى، قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، قىسىملىرىنىڭ تەھدىت دەپ قارالغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى تەييارلىق ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، چەت دۆلەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلماقتا ۋە شۇنداقلا قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە،

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 533 قېتىم كۆرۈلدى
18/02/2025 10:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق