2021-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغان ۋە تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەن ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەركىنلىككە چىقىپ، بۈگۈن ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.