خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىشقا تەشكىللىمەكتە

خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىنى تەشكىللىك ھالدا ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاشنى سىستېمىلىق، بىر تۇتاش ئىجرا قىلغان.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا بىر خىتاي مەجبۇرىي تويدىكى تولۇقلىما سىياسىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلماقچى بولغان خىتايلارغا 250 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى، رەسمىي توي قىلغاندا 50 مىڭ يۈەن، بالا تۇغۇلغاندا 100 مىڭ يۈەن، نوپۇس يۆتكەپ كەلسە يەنە 100 مىڭ يۈەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر سىندا ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان خىتايلارغا 40 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىلگەندىن سىرت، 45-50 مو ( تۆت گېكتار ئەتراپىدا) تېرىلغۇ يەر، 50 تۇياق قوي بېرىلىدىغانلىقى، ئۇندىن باشقا نوپۇسنى تېز سۈرئەتتە يۆتكەپ كېلىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بىر ۋىلايەت بىلەن يەنە بىر ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان خىتايلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى ۋە ماددىي بۇيۇملىرى ئوخشىمايدىكەن.

باشقا بىر سىنمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان بىر شاھىت ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بىر ئۇيغۇر قىزى خىتاي بىلەن توي قىلىپ قالغان تەقدىردە خەلق ئارىسىدا «پالانى خىتاي بىلەن توي قىپتۇ» دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىش ئەھۋالىنىڭ نورمال ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، خىتايغا قىز بەرمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ياكى لاگېرغا قامىلىدىغانلىقىنى، خىتاي بىلەن توي قىلغان ئاياللار ئۈستىدىن قىلىنغان ھەرقانداق گەپ-سۆزلەر سەۋەبلىك جازالانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، قىزى بار ئائىلىلەرنىڭ ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

مەزكۇر شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە خىتاي يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆرۈنۈشتە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما كونترول ۋە تەقىب ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن. تور ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قاتتىق كونترول قىلىنغان بولغاچقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلىرىدىن، ھەرىكەتلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا، كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇپ، چەت ئەلدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىچكى جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇرمۇش، سودا، ئوقۇش، ساياھەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە قاتتىق چەكلەپ، ئاسسىمىلياتسىيەنى كۈچەيتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1075 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2025 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق