يېڭى ئېلان قىلىنغان دوكلات خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق، دۇنيا مىقياسىدا قارشى پىكىردىكى شەخس ۋە گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندىنىڭ دېموكراتىيە تەتقىقاتى خەلقئارا مۇنبىرى يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە سانلىق مەلۇمات توپلاش ساھەسىدىكى تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش، جۈملىدىن DeepSeek قاتارلىق سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى بازار سېلىش ئارقىلىق، ئىچكى جەھەتتىن كونترول قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تېخنىكىلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىشى دۇنيا مىقياسىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرگە قارشى پىكىردىكى كىشىلەرنى باستۇرۇشتا يېڭى قوراللار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
دوكلاتتا: «بىز سانلىق مەلۇمات بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مۇستەبىتلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. سۈنئىي ئەقىل، رەقەملىك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە ئانالىز قىلىشتىكى باشقا تېخنىكىلار مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ قارشى پىكىردىكى كىشىلەرنى باستۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمەكتە. نۆۋەتتە، خىتاي ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىپ ۋە كۆلەمدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە پايدىلىنىشتا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقتى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار جەمئىيەتنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي ساھەلەردە بولسۇن، مەيلى ئىچكى جەھەتتىن بولسۇن، ياكى چەت ئەلدىن كەلگەن بولسۇن، ھەممىنى توپلىماقتا» دېيىلگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ساھە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ ئۇلار سۈنئىي ئەقىل نازارىتىنىڭ قوللىنىلىشى، نېرۋا ۋە مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى، شىفىرلانغان ئۇچۇرلارنى يېشەلەيدىغان كىۋانت ھېسابلاش تېخنىكىسى، مەركىزىي كونتروللۇقتىكى رەقەملىك پۇل ئىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي نۇرغۇن نازارەت تېخنىكىلىرىنى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرى دۇنيادىكى كۆزىتىش كامېراسى بازىرىنىڭ تەخمىنەن %34 نى ئىگىلىگەن. دوكلاتتا خىتاينىڭ كىۋانت تېخنىكىسىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشى مۇمكىنلىكى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا كىۋانت ئالاقە تورى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشى سەۋەبلىك، كەلگۈسىدە ئۇچۇرلارنى شىفىرلاش ئۆلچىمىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ