تايلاند سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تايلاند سوت مەھكىمىسى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 48 ئۇيغۇر ھەققىدىكى قويۇپ بېرىش ئىلتىماسىغا تۇنجى قېتىم قاراپ چىقتى.

Benar خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى 14-فېۋرال تايلاندتا 10 يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ب د ت نىڭ ۋەكىللىرى پۈتۈن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى كۆزەتكەن. سوتقا مەزكۇر ئۇيغۇرلار قاتناشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي، پائالىيەتچى بەختىيار بۆرە ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى نىرولا ئەلىما قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى «ھەممىگە ئادالەت» ئۆتكەن ئاينىڭ بېشىدا، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن جەدۋەل تولدۇرۇشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاي 29-يانۋار سوتقا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، ئىلتىماستا بۇ كىشىلەرنىڭ پاناھلىق تىلەش سەۋەبىدىن ئۇزۇن ۋاقىت تۈرمىگە قامالغانلىقى، شۇڭا ئۇلارنى قويۇپ بېرىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

ئىلتىماستا تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تايلاندقا قانۇنسىز كىرىشنىڭ جازاسىنى تارتىپ بولغانلىقى، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 11 يىلدىن ئارتۇق ناچار شارائىتتا تۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ب د ت نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 21-يانۋار تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ چىقارماسلىققا چاقىرغان ھەمدە خىتايغا قايتۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر سوت ئىلتىماس ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاساسى بار دەپ قارىسا، تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە بۇ مەسىلە ھەققىدە تايلاند ساقچى ئەمەلدارلىرىنى چاقىرتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدىكەن. ئەگەر تۇتۇپ تۇرۇش قانۇنسىز دەپ قارالسا، سوت چوقۇم ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند سوت مەھكىمىسى 18-فېۋرال بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2025 10:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق