تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادىكى پائالىيىتىنى داۋام قىلماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى بىرلىككە ۋاكالىتەن، 15-فېۋرال ئىسلامىي ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى MyCARE نىڭ رەئىسى دوكتور كامال ناشارۇددىن بىن مۇستافا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىپىسى، خىتاي قاتتىق باستۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەمدە ھەر ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادالەتنى قولغا كەلتۈرۈش، مائارىپ ۋە ئىنسانىي ياردەم ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق ھەمكارلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى يەنە 14-فېۋرال IKIM رادىيوسى ئورۇنلاشتۇرغان: «يىپەك يولىدىن ئەكس سادا: ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىلىرى» ناملىق پىروگراممىغا قاتناشقان. ئۇ پىروگراممىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئېتىقادىنى قوغداش جەريانىدىكى كۈرەشلىرىنى، قەيسەرلىك ھېكايىلىرىنى تونۇشتۇرغان. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كۈچ چىقىرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-پەريادىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2172 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2025 10:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق