ياپونىيەنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى 10 يىل ئىچىدە %60 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ياپونىيە شىركەتلىرى سودا ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتىكەن.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتا گېزىتىنىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە %60 ئازايغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى ۋە خىتاي شىركەتلىرى رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشىدىن ئىكەن.
2024-يىلىغا كەلگەندە، ياپونىيەنىڭ سالغان مەبلىغى 493.1 مىليارد يېن (32 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) غا يەتكەن. بۇ ئالدىنقى يىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئون يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى ۋە نازارەت قىيىنچىلىقلىرىنى پەيدا قىلىشى چەت ئەل مەبلىغىنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، يېقىندا خىتاينىڭ ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتى ياپون شىركەتلىرىنىڭ ئۈمىدىنى ئاشۇرغان. شۇڭا شىركەتلەر 2025-يىلىغىچە خىتايغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىش ياكى كۆپەيتىش پىلانىنى تۈزگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە نۆۋەتتە ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا سالغان مەبلىغى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ