ئامېرىكا قوماندانى خىتاي-ئاۋسترالىيە زىددىيىتى كۈچەيگەن پەيتتە ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلماقچى

ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى خەتەرلىك ھەربىي مەشغۇلات سەۋەبلىك، خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلدە ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىدى.

ئاۋسترالىيە ABC خەۋەر تورىنىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان ئومۇمىي توقۇنۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى سامۇئېل پاپارو كېلەر ھەپتە ئاۋسترالىيەگە بارىدىغان بولۇپ، بۇ زىيارەت جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ خەتەرلىك مەشغۇلاتى سەۋەبلىك كەسكىنلىك كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئاۋسترالىيە چارلىغۇچى ئايروپىلانىغا قارىتا خەتەرلىك مەشغۇلات قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي قىلمىشىنى بۇرۇنقىدەكلا ئىنكار قىلىپ، ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتا دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 906 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2025 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق