شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ شىۋېيتسارىيەدە خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى 12-فېۋرال ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، خىتاي شىۋېيتسارىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى جاسۇسلۇق قىلىشقا كۈشكۈرتۈش ۋە بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ خۇلاسە قىلىنغان.
دوكلاتتا تىبەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ: «خىتاي تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى شىۋېيتسارىيەدىكى ۋەتەنداشلىرىنى كۆزىتىشكە كۈشكۈرتىشتىن باشقا، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى، سۈرەتكە، سىنغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر بار» دېيىلگەن.
خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە تور ھۇجۇمى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە يوللىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ نازارەت سىياسىي جەھەتتىن تىبەت ۋە ئۇيغۇر جامائەتلىرىنى قوللايدىغان شىۋېيتسارىيە پۇقرالىرىنىمۇ نىشان قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئەدلىيە ۋە مۇھاجىرلار ئىدارىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىغا ئاساسلانغان. دوكلاتتا: «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ تەسىرى تېررورلۇق ھەرىكىتىدەك ئاسان بايقالمىسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خېلى زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە رەقەملىك تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇستەبىت دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك، بۇ ھادىسىنىڭ چوقۇم كۆپىيىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاساسلىق كۆزىتىش نىشانلىرىنىڭ بىرى شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە تور ھۇجۇمى ۋاسىتىسىدىن پايدىلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى چەت ئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ نامايىش پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدىكەن. خىتاينىڭ جاسۇسلىرى دىپلوماتلىق نىقابى ياكى مۇخبىر، ساياھەتچى، ئوقۇغۇچى قىياپىتىدە ھەرىكەت قىلىدىكەن. بۇ جەرياندا كىشىلەردە ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىلىۋاتقان ھېسسىيات پەيدا بولۇپ، ھەر خىل شەكىلدىكى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرايدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال قورقۇنچ پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى چەكلەيدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۈن 13-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا شىۋېيتسارىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر توغرىسىدىكى دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بۇرۇنقىدەكلار جىنايەتلىرىدىن تېنىپ: «تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ