ھىندىستان خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىغا %15تىن %25 گىچە ۋاقىتلىق تاموژنا بېجى قويۇشنى پىلانلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 13-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پولات-تۆمۈر سانائىتىنى ئادىل بولمىغان رىقابەتتىن قوغداشقا قەتئىي بەل باغلىغان بولۇپ، ھىندىستان سودا مىنىستىرى كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە خىتايدىن كەلگەن پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىغا %15 تىن %25 گىچە ۋاقىتلىق تاموژنا بېجى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاينىڭ ئەرزان پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورتىنىڭ كۆپىيىشى ئادىل بولمىغان سودا رىقابىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا يەرلىك تىلدا «قوغداش بېجى» دەپ ئاتىلىدىغان ۋاقىتلىق باج قويۇش-قويماسلىق مەسىلىنى تەكشۈرۈپ، ئاخىر پولات-تۆمۈر ئىمپورتىنى چەكلەشنى پىلانلىغان. ئەگەر باج قويۇش تەستىقلانسا، ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىككى يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ