خىتاي ۋە ئىتتىپاقداشلىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دىققەت قىلماقتا

ئەنگلىيە مۇداپىئە ۋەزىرى خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقە گۇرۇپپىسى (UDCG) يىغىنىغا رەئىسلىك قىلغان بولۇپ، يىغىندا ئەنگلىيە مۇداپىئە ۋەزىرى جون ھىلى ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنانى 150 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى يېڭى بىر تۈركۈم ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ياردەم ئايروپىلان، جەڭ ئاپتوموبىللىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يىغىن رەئىسى ھىلى: «بۇ يىل ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق يىلى» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە: «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دۇنيا تەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك. خىتاي، ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە پۇتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆزىتىپ پۇرسەت كۈتمەكتە» دېگەن.

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جون ھىلى يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ پەقەت ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرىگىلا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ ۋەزىيەتنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەر رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا ئوخشاش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق ئاجىزلىق ئالامەتلىرىنى كۆزىتىپ، دۆلەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە بىرلىكىنى يوقىتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جون ھىلى يەنە ئەگەر بىر قىتئەدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى توسۇلمىسا، بۇ باشقا قىتئەلەردىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، بىرەر دۆلەتنىڭ چېگراسى كۈچ ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋېتىلسە، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

12-فېۋرال شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇسسېل باش ئىشتابىدا چاقىرىلغان 26-قېتىملىق ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىغا 50 گە يېقىن دۆلەت قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى 2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيە ئۇكرائىناغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان بىخەتەرلىك مۇداپىئە ياردىمىنى ماسلاشتۇرۇش ئىكەن. بۇرۇن يىغىنغا ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى رەئىسلىك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، چارشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىم ئەنگلىيە تەشكىللىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 718 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2025 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق