ئەردوغان مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە پاكىستاندا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 10-فېۋرالدىن باشلاپ مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە پاكىستاندا زىيارەتتە بولدى.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مالايشىيادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ تۇنجى قەدىمىدە باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم تەرىپىدىن دۆلەت مۇراسىمى بىلەن قارشى ئېلىنغان.

ئەردوغان كۇئالالۇمپۇردا ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «تۈركىيە بىلەن مالايشىيا ئارىسىدا بۇرۇن بەش مىليارد دوللار دەپ بەلگىلەنگەن ئىككى تەرەپلىك سودا ھەجمىنى ھازىر 10 مىليارد دوللارغا كۆتۈرۈش قارارىغا كەلدۇق» دېگەن.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىدىكى ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. 1967-يىلىدىكى چېگرا سىزىقى ئاساس قىلىنغان، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى قوغدالغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بەرپا بولۇشى مۇتلەق زۆرۈرىيەت» دەپ تەكىتلىگەن.

ئەنۋەر ئىبراھىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «غەززە مەسىلىسىدە تۈركىيە رەھبەرلىك رولىنى ئۈستىگە ئالدى. ئىنسانىي ياردەم جەھەتتە مېنىڭ بىلىشىمچە، باشقا ھېچقانداق دۆلەت تۈركىيەدەك كۆپ ئىش قىلمىدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 11 تۈرلۈك مۇھىم كېلىشىم ئىمزالانغان.

ئەردوغان ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتىدە ھىندونېزىيەگە يېتىپ بېرىپ، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پىرابوۋو سۇبىيانتو بوگور تەرىپىدىن ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە قارشى ئېلىنغان.

ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئايرىم سۆھبىتىدىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويۇلغان.

ئىككى رەھبەر يىغىندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تارىخىي مۇناسىۋەت ۋە بۇندىن كېيىن بېسىلىدىغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان. پىرېزىدېنت ئەردوغان ھىندونېزىيەدىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، پايتەخت جاكارتادا يەنە تۈركىيە-ھىندونېزىيە سودا مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى بولغان ئىسلامئابادتا پاكىستان پىرېزىدېنتى ئاسىف ئەلى زەردارى، باش مىنىستىر شاھباز شەرىف ۋە باشقا ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋېلىنغان.

ئەردوغان دەسلەپتە پاكىستان باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە باش مىنىستىر شەرىف بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى رەھبەر يەتتىنچى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقان ۋە كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئەردوغان ھەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «يىغىنىمىزدا ئۆزئارا مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق. بۇ دائىرىدە سودا-تىجارەت، سۇ بايلىقى، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت، پەن-تېخنىكا، بانكا ئىشلىرى، مائارىپ، مۇداپىئە ۋە سەھىيە ساقلاش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە 24 پارچە ھۆججەتكە ئىمزا قويدۇق» دېگەن.

ئەردوغان پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، غەززەلىكلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىۋېتىلىشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەتتە پاكىستان ھۆكۈمىتى پايتەخت ئىسلامابادتىكى ئەڭ ئاساسلىق قاتناش لىنىيەلىرىدىن بىرىگە پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئىسمىنى قويۇش قارارىنى ماقۇللىغان.

ئەردوغان ئۈچ دۆلەتتىكى زىيارىتىدە ھەربىر رەھبەرلەرگە تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگنى سوۋغا قىلغان.

بۇ خەۋەر 4072 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2025 13:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق