سۇرىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەقسىز مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى قۇرۇلغان سۇرىيە ھۆكۈمىتى تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە قارار تارقاتقان بولۇپ، سۇرىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىكى بارلىق مائارىپ چىقىمىنىڭ ھەقسىز بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئەسەد رېجىمىنىڭ ھاكىمىيىتى رەسمىي ئاخىرلاشقان 8-دېكابىر ئىنقىلابىدىن كېيىن دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرغان يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئارقىلىق تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز مائارىپ ھوقۇقى تەقدىم قىلغان بولۇپ، سۇرىيەدە تۇرۇۋاتقان بارلىق تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپى تۈگىگىچە مەكتەپلەرگە ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيدىكەن.
ئالاقىدار رەسمىي ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلگەن مائارىپقا ئالاقىدار 114-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇش 15-يانۋار چىقىرىلغان بولۇپ، قاراردا: «تۈركىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە دەرس ھەقلىرى بىكار قىلىنىدۇ» دېيىلگەن.
سۇرىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارى تارقالغاندىن كېيىن، تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان خەۋەر قاناللىرى بۇ قارارنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ