خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىسقا سىن مۇسابىقىسى تەشكىللىدى

 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىلمۇ ئاتالمىش «تۈمەنلىگەن كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» تېمىسىدا قىسقا سىن مۇسابىقىسى تەشكىللىدى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «تۈمەنلىگەن كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» تېمىسىدىكى قىسقا سىن مۇسابىقىسىگە ئەسەر قوبۇل قىلىش باشلانغان بولۇپ، 30-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشتا قىسقا سىننىڭ ئۇسلۇبىغا، شەكلىگە چەكلىمە يوق ئىكەنلىكى، ئەمما ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ساياھەتچىلىكى، تارىخى... قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلاردا ئىجابىي مەزمۇنلارنى تەسىرلىك بايان قىلىشى كېرەكلىكى، باھالاشتىن كېيىن 180 قىسقا سىننىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىلەر بويىچە مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتىكى «پۈتۈن دۇنيادىن قىسقا سىن ئەسىرى قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەن جۈملىلەر دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان، ماسلىشىۋاتقان بىر تۈركۈم چەت ئەللىك تور مەشھۇرلىرى، چەت ئەلدىكى خىتايلار ۋە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بۇ يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.

«مۇسابىقە» نامىدىكى مەزكۇر يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتى 2021-يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، پەردازلاش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 3883 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2025 10:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق