خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تۈزۈمىنىڭ يېڭىلىنىشى باستۇرۇشنىڭ ئېغىرلاشقانلىقتىن دېرەك بەرمەكتە

 

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ قانۇنىي نىقابلىرىدىن بىرى بولغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى سىنىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى»نى يېڭىلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە، تىل-يېزىقنى چەكلەش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مائارىپ نازارىتى ئورگان تورى 12-فېۋرال ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى سىنىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى» ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئېلان قىلغان.

تور بەتتە باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ قايتا تۈزىتىلىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈرۈپ، مەزكۇر باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ 2021-يىلى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مائارىپ نازارىتى 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى چىقارغان «دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى سىنىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» (16-نومۇرلۇق بۇيرۇق)غا ئاساسەن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي ئورتاق تىلى سەۋىيەسى تەربىيەلەش ۋە سىناش باشقۇرۇش تۈزۈمى»نى (2021-يىللىق 7-نومۇر) تۈزۈپ چىققانلىقى، 2022-يىلى 1-ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى «دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى سىنىقىنى باشقۇرۇش نىزامى» (51-نومۇرلۇق بۇيرۇق)نى قايتا تۈزىتىپ، ئەسلىدىكى نۇسخىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى، بۇرۇنقى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ يېڭى دەۋر تەلەپلىرىگە ماس كەلمەي قالغانلىقى، ئەسلى تۈزۈمدىكى خىزمەت تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ تۈزىتىلگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتى جەھەتتىكى تۈزىتىلگەن مەزمۇنلار ئىچىدە، دۆلەت كېڭىشى تىل-يېزىق خىزمەت بۆلۈمىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك سىناقلارنى باشقۇرىدىغانلىقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۆز رايونىدىكى سىناقلارنى باشقۇرىدىغانلىقى، ھەر يىلى سىناق مەركەزلىرىنى باھالاپ چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان تەدبىرلەر توردا تەربىيەلەش، ھەر دەرىجىلىك سىناق پونكىتلىرى ۋە تەشۋىقات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ يىل تۈزىتىلىپ ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى سىنىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى»دە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە قويۇلغان تەلەپ ۋە يولغا قويۇش تەدبىرلىرى 2021-يىلى ئېلان قىلىنغان تۈزۈمگە قارىغاندا تېخىمۇ چىڭىتىلغان. 2021-يىلى ئېلان قىلىنغان تۈزۈمنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا: «بۇ تۈزۈم دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى سىنىقى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلدى» دېيىلگەن. ئەمما بۇ يىل ئېلان قىلىنغان تۈزۈمنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا: «بۇ باشقۇرۇش تۈزۈمى رايوندا دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى سىنىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتىش، رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىش سەۋىيەسى سىنىقى قائىدىسىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلدى» دېيىلگەن.

يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈمى 10 باب، 77 ماددا بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانداق سۈرۈشتە قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا يەرلىك نىزام چىقىرىش نامىدا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنىدى. خىتاي بۇ قېتىم ئېلان قىلغان خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى نىزامنامە ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاش تېررور سىياسىتىنى تېخىمۇ چىڭىتقان.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك ناملار ئاستىدا باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلەپ، ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بىر پەيتتە، يەرلىك نىزامنامە ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا، كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، بۇ قېتىم تۈزىتىپ ئېلان قىلىنغان نىزامنامىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، باستۇرۇش جىنايىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ قىلچە ئۆزگەرمىگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

 

بۇ خەۋەر 3585 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2025 10:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق