غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى خەۋپكە دۇچ كەلدى

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ كەسكىن جەڭنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 12-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، غەززەدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانياھۇ تەھدىت سېلىپ، ئەگەر شەنبە كۈنىگىچە ئەسىرلەر قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاخىرلىشىپ، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ھاماسنىڭ كېيىنكى ئەسىر قويۇپ بېرىش ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. نېتانياھۇ بۇنى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش دەپ قارىغان بولۇپ، نېتانياھۇنىڭ سۆزى رايونغا قوشۇمچە قىسىم ئەۋەتىپ، ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

تەھلىلچىلەر ۋاقىت چەكلىمىسى توشۇشتىن بۇرۇن كېلىشىمگە قايتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى، ئەمما ئەگەر ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى توشقاندا ۋاقىت ئۇزارتىلمىسا، مارت ئېيىدا تېخىمۇ چوڭ كىرىزىس يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4072 قېتىم كۆرۈلدى
13/02/2025 10:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق