شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات بۆلۈمى ئەمەلدارلىرى مەخسۇس يىغىن تەشكىللەپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش، ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە داۋاملاشتۇرۇش پىلانىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەشۋىقات بۆلۈمى ئەمەلدارلىرى 7-فېۋرال مەخسۇس يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىنغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتناشقان. يىغىندا بۇ يىلمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئەمەلدار قاتناشقان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغان.
يىغىندا ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشنى كۈچەيتىشكە ئىشارەت قىلىپ: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتەك تارىخىي پاكىتلارنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
يىغىندا سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىش كېرەك» دەپ جار سالغان.
يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلغان ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جيەنشىن: «شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى تەكىتلەش ئارقىلىق، چەت ئەلگە قارىتىلغان يالغان تەشۋىقات ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىما قىلغان.
خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامى ئاستىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە. خىتاي مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي تېڭىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش، يوقىتىش پىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا.
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، تارىخىنى بۇرمىلاش پىلانى بويىچە، 2024-يىلىنىڭ بېشىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ مۇزېي»نىڭ كۆلىمىنى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭەيتىپ سالغان. مەزكۇر كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى»دەك بۇرمىلانغان تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان 1500 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» قويۇلغان. ئۇندىن باشقا تۈرلۈك ساياھەت نۇقتىلىرى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قوللىنىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ