غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرى قاتاردا ئىشقا ئاشقان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغان.

ئامېرىكا رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى NBC نىڭ 10-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يەكشەنبە كۈنى قاتارغا يېتىپ بېرىپ، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەكچى بولغان. ئىسرائىلىيە قوراللىق كۈچلىرى ھاماس بىلەن تۈزگەن توختام بويىچە بۇ رايوندىكى مۇھىم ئۆتۈش نۇقتىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر بىنيامىن نىتانياھونىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ۋەكىللىرىنىڭ قاتاردا داۋام قىلىۋاتقان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىتانياھۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچى ھەققىدىكى ۋاسىتىلىك سۆھبەت بۇ ھەپتە باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن تارتىپ باشلانغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئالتە ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ كېلىشىم بويىچە ھاماس 33 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بېرىشكە، ئىسرائىلىيە بولسا 2000 گە يېقىن پەلەستىنلىك تۇتقۇن ۋە مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشكە كېلىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاشىنگتون، قاتار ۋە مىسىر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئاساسەن ئەمەلىيلەشكەن. كېلىشىم بويىچە، يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نەتزارىم كارىدورىدىكى قالغان ئورۇنلاردىن چېكىنىشنى تاماملىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3999 قېتىم كۆرۈلدى
11/02/2025 10:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق