تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مالايشىيادىكى پائالىيىتى داۋام قىلماقتا

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى بىرلىككە ۋاكالىتەن، 10-فېۋرال مالايشىيادا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان ۋە مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم تەشكىللىگەن ئوچۇق يىغىنىغا قاتناشقان.

پىرېزىدېنت ئەردوغان يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۈركىيەنىڭ پەلەستىنگە بولغان تەۋرەنمەس قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ۋە پەلەستىنلىكلەرنى يۇرتىدىن قوغلاش پىلانلىرىنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە تۈركىيە-مالايشىيا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنى كۆپەيتىش ۋە ھەر ساھەلەردە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بولسا قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، مالايشىيا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە تۈركىيەنىڭ قىيىن پەيتلەردە مالايشىيانى قوللىغانلىقىنى ماختاپ،  تۈركىيە بىلەن مالايشىيانىڭ نۆۋەتتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئادالەتسىزلىككە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3020 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2025 22:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق