ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە سىڭدۈرۈپ يوقىتىش تەدبىرى گەۋدىلەنمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جەريانىدا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، سىڭدۈرۈپ يوقىتىش ھەرىكىتى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەينەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ «رەھبەرلەر كۆزنىكى» سەھىپىسىدە، خۇەينەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غوجىئەخمەت تۇرسۇننىڭ خۇەينەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، غوجىئەخمەت تۇرسۇن 1978-يىل 1-ئايدا تۇرپاندا تۇغۇلغان بولۇپ، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە خىتاي مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر نەزەرىيەسى فاكۇلتېتىنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيەسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى كەسپىدە ئوقۇغان. 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئاتالمىش «شىنجاڭ» يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان. 2020-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان ۋە 2022-يىلى خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە يۆتكىلىپ، خۇەينەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 2025-يىلى خۇەينەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ يوقىتىش تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى سىستېمىلىق ھالدا جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ زىيانكەشلىك قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەپ ئىجرا قىلىپ كەلدى.

نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەقىب قىلىش، باھانە تېپىپ جازالاش قاتارلىق تەدبىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەرلەشكەن ساناقلىق ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ، خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى دەۋا قىلىنغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپەيتكەن. خىتاي بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يۇرتىنى تاشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. خىتاي يەنە ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئازايتىش، خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تەدرىجىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدە سىڭدۈرۈپ يوقىتىش غەرىزىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

خىتاي يەنە جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساياھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، خىتاي ۋە چەت ئەلدىن ساياھەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، پىلانلىق ساياھەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، جازا لاگېرى يوق، مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، دىنىي چەكلىمە يوق دېگەندەك يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتتى. ئۇندىن باشقا يەنە خىتايغا ئىشلەيدىغان ياكى ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چەت ئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىش، چەت ئەلدىكى خىتايغا يېقىن ياكى خىتايغا كۆز-قۇلاق بولۇپ يۈرگەن ۋە ياكى خىتاي بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن قىسمەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق، ۋەزىيەتنىڭ ئىلگىرىكىدىن ياخشىلانغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3391 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2025 09:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق