خىتاينىڭ كانادادىكى ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرى پاش بولدى

كانادانىڭ چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى 7-فېۋرال فېدېراتىپ لىبېرال پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى كىرىستىيا فىرىلاندقا قارىتىلغان پىلانلىق، يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلەرنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئارىلىشىش قىلمىشى خىتاي رېجىمىغا چېتىشلىق نامسىز، ئەمما خىتايلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بىر خەۋەر ھېسابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كانادانىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى 30 دىن ئارتۇق ئۈندىدار ھېسابىنىڭ بۇ سىرتتىن ئارىلىشىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۆزئارا ماسلاشقانلىقىنى بايقىغان.

جاستىن تىرۇدونىڭ ئورنىغا چىقىدىغان نامزاتلاردىن بىرى بولغان كىرىستىيا فرىلاند چەت ئەلنىڭ قول تىقىش، ئوبرازىنى قەستەن خۇنۈكلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرىدىن قورقۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فىرىلاند 12-ئايدا مالىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدونى پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىستېپا بېرىشكە ئۈندىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ باش مىنىستىرى 9-مارت سايلاپ چىقىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1038 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2025 09:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق