ھەرقايسى ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەن، ئىستانبۇلدا ئاخبارات، مېدىيا كۇرسلىرى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار 8-فېۋرال ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنى زىيارەت قىلدى.
زىيارەتچىلەر خەلقئارا تۈرك-ئەرەب مېدىيا جەمئىيىتىنىڭ ئاخبارات كەسپى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئۇلارنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى (ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى)نىڭ رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق ئەپەندىن ئۇلارنى ئىشخانىدا كۈتۈۋالدى.
سۆھبەت جەريانىدا ئابدۇلۋارىس ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىنى، شۇنداقلا ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا قاراتقان ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى ۋە ئاخبارات كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ خىتايغا قارشى ئاخبارات ئۇرۇشىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىزمەتلىرىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.
ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى ئىستۇدىيە ئىچىدە ئەمەلىي مەشىق قىلدى.
سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تونۇتۇشتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىشىش جەھەتتىن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىندى.