پاناما خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تۈرىدىن چېكىندى

پاناما پىرېزىدېنتى خوسې رائۇل مۇلىنو خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تۈرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىپاتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 7-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، پاناما پىرېزىدېنتى خوسې رائۇل مۇلىنو دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تۈرىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پاناما باش ئەلچىسى كېلىشىمنى بىكار قىلىشتىن 90 كۈن بۇرۇن خىتاينى رەسمىي خەۋەرلەندۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت مۇلىنو بۇ قارارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنىڭ پاناماغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن رامكا كېلىشىمنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كېلىشىم ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆزلۈكىدىن يېڭىلىنىدىغان بولۇپ، يېڭىلاش ۋاقتى 2026-يىلى بولسىمۇ، تەرەپلەردىن بىرى ئۈچ ئاي بۇرۇن خەۋەر قىلىش شەرتى بىلەن كېلىشىمنى بىكار قىلسا بولىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو 2-فېۋرال پانامانى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ پاناما قانىلىغا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئەكسىچە بولغاندا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

خىتاينىڭ مەزكۇر سودا تۈرىدىن چېكىنىپ چىققان دۆلەتلەر پانامالا ئەمەس بولۇپ، ئىتالىيەمۇ 2023-يىلى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تۈرىدىن چېكىنىش پىلانىنى دىپلوماتىك يول ئارقىلىق خىتايغا خەۋەر قىلغانىدى.

2019-يىلى ئىتالىيە خىتاي بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» چۈشىنىش ئەسلەتمىسىگە ئىمزا قويغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر كونتې بۇ ئەسلەتمىنى ئىمزالىغان. ئۆز ۋاقتىدا سىياسىي پارتىيەلەر ئىچىدىن بەش يۇلتۇز ھەرىكىتى پارتىيەسى قارشى تۇرغان بولۇپ، قالغان بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر چېكىنىش قارارىنى قوللىغان. ئىتالىيە سىياسىي سەھنىسىدە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا تۈرى ھەققىدە پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت بولسىمۇ، كۆپ سانلىق پارتىيەلەر چېكىنىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1394 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2025 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق