خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 7-فېۋرال ھىندونېزىيەدە غەربىي جاۋا رايونلۇق پارلامېنت رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى.
ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ۋە باش كاتىپ ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەيئەت ئالدى بىلەن باندۇڭ مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان. ئارقىدىن ھىندونېزىيە غەربىي جاۋا رايونلۇق پارلامېنت رەئىسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن.
بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغان.
ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە داۋام قىلىۋاتقان رايونلۇق پائالىيەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ