ھاماس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى كۆچۈرۈش پىلانىغا قارشى جىددىي يىغىن چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
يېقىن شەرق خەۋەرلىرى تورىنىڭ 6-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس تىرامپنىڭ غەززە رايونىنى ئىگىلىۋېلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈرۈش پىلانىغا قارشى ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنى جىددىي يىغىلىشقا چاقىرغان.
ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم باياناتىدا پەلەستىنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلىش پىلانىغا قارشى بارلىق پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى، ئەرەب دۆلەتلىرى تىرامپنىڭ بېسىمىغا بويسۇنماسلىقى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ پىلاننى رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تىرامپ 6-فېۋرال ئاقسارايدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، غەززە رايونىنى ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ مىسىر ۋە ئىيوردانىيەگە كۆچۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
ھاماس بۇنىڭغا قارشى غەززەنى باشقۇرۇشقا باشقا دۆلەتنىڭ كېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى، بىر ئىشغالىيەتنى يەنە بىر ئىشغالىيەت بىلەن ئالماشتۇرۇشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ