ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن خىتايلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى تەشەببۇسچىسى لى يىڭنى 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ ئادالەت، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمدىن قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا تەۋە ئامېرىكا-خىتاي كومپارتىيەسى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى جون مۇلېنار: «ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە لى يىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى ئىنسانىيەتنىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار خىتاينىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇش جىنايىتىنى پاش قىلىپلا قالماي، نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلەش جاسارىتى بەردى» دېگەن.

دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى: «بىز ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە لى يىڭنى ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش يولىدىكى ئىزچىل كۈرەشلىرى ئۈچۈن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشتىن پەخىرلىنىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە رەئىسى روشەن ئابباس خانىم مۇخبىرغا: «بۇ نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش پەقەت بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى ئېتىراپ قىلىشلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە قىلىنغان چاقىرىق» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1474 قېتىم كۆرۈلدى
07/02/2025 11:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق