خىتاي تور مەزمۇنلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مىكرو تور فىلىملىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى پىلانلىدى.
خىتاي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 5-فېۋرال كۆپ قىسىملىق مىكرو تور فىلىملىرىنىڭ تارقىتىلىشىنى تۈرگە ئايرىپ باھالايدىغان رۇخسەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بۇ ساھەنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تور مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا كۆپ قىسىملىق مىكرو تور فىلىملىرى خىتايدا تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشقان. بۇ خىل فىلىملەرنىڭ ھەر بىر قىسمى ئادەتتە بىر مىنۇتتىن ئۈچ مىنۇتقىچە بولۇپ، ۋەقەلەر تېز ئالمىشىدىكەن. يان تېلېفوندا كۆرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تىك ئېكران شەكلىدە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەر يان تېلېفوندا مىكرو فىلىملەرنى كۆرۈشكە بېرىلىپ كەتكەن.
خىتاينىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 5-فېۋرال «تور مىكرو فىلىملىرى ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا بارلىق مىكرو فىلىملەرنىڭ چوقۇم «تور فىلىمى تارقىتىش رۇخسىتى» ئېلىشى ياكى تېگىشلىك دوكلات جەريانىنى تاماملىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت جەھەتلەردە تېخىمۇ ئىنچىكە ۋە قاتتىق ئۆلچەملەر بېكىتىلگەن.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، فىلىملەر تورغا چىقىرىلىشتىن بۇرۇن باش قىسمىغا بەلگىلەنگەن فورماتتا «تور فىلىمى تارقىتىش رۇخسىتى» نومۇرى ياكى تىزىملىتىش نومۇرى بېسىلىشى كېرەك. تور كۆرۈش-ئاڭلاش سۇپىلىرى رۇخسەتنامە ياكى تىزىملىتىش نومۇرى بېسىلمىغان مىكرو فىلىملەرنى توردا تارقاتسا ۋە كۆرۈرمەنلەرگە يوللىسا بولمايدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇش فىلىم مەزمۇنىغا ئالاھىدە مەركەزلەشكەن. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇپىنىڭ باش بېتىدە ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدىغان مىكرو فىلىملەر چوقۇم قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى، بولۇپمۇ سىياسىي، ھەربىي، دىپلوماتىيە، دۆلەت بىخەتەرلىكى، بىرلىكسەپ قاتارلىق ئالاھىدە تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىكرو فىلىملەر مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش تەلەپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن مىكرو فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، مەبلەغ سالغۇچىلار، تەشۋىقات سۇپىلىرى ۋە قويۇش سۇپىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئىشلىگەن ياكى تارقاتقان مەزمۇنلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ