خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان ۋە چارلاش، تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا كەلپىن ناھىيەسىدە زاپاس مىقدارى 50 مىليون توننا كېلىدىغان تىتان-تۆمۈر زاپىسى بايقالغان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ» رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى بىر قېتىملىق كان ئىزدەش ھەرىكىتىدە، كەلپىن ناھىيەسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مېتال كان بايلىقى بولغان تىتان-تۆمۈر كانى بايقالغان بولۇپ، بۇ قۇمۇل ۋىلايىتىدىن كېيىن بايقالغان ئىككىنچى مۇھىم تىتان-تۆمۈر كان رايونى ئىكەن. بۇ كاندىكى تۆمۈر رۇدىسىنىڭ سۈپىتى %19.32 دىن يۇقىرى بولۇپ، زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 50 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، تىتان-تۆمۈر كانى مۇھىم كان بايلىقى بولۇپ، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئاسان پارچىلانمايدىكەن، تىتان قېتىشمىسى، كېپەك تىتان ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئالاھىدە فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن، تىتان-تۆمۈر كانى يەنە ئوق ئۆتمەس ماتېرىياللار، راكېتا يېقىلغۇسى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ياساشتا كەڭ قوللىنىدىكەن.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران، كۆمۈر، تىتان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى تەبىئىي بايلىقلىرىنى قېزىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا، ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامراتلىق، موھتاجلىق ئىچىدە ياشىغاندىن باشقا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئاستىدا قىرغىن قىلىپ يوقىتىلىش خەۋپىدە تۇرماقتا.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى پەقەت ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ