سائادەت پارتىيەسى رەئىسى: تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى قوزغىتىشى كېرەك

سائادەت پارتىيەسى رەئىسى مەھمۇد ئارىكان 2-فېۋرال تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى قوزغىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەھمۇد ئارىكان سۆزىدە، ئالدى بىلەن خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان 35 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلغانلىقىنى پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەسلەتكەن. ئارقىدىن 2020-يىلى 31-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بىر تۈركۈم دۆلەتلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ تونۇغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنى، پارلامېنتتىكى ئالتە پارتىيە گۇرۇپپىسىنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنىڭ تاللاش ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەركىن ھالدا ئېتىقادىنى قوغدىغان ھالدا ياشاش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا سۈكۈت قىلماسلىق، جاسارەت بىلەن ئاۋاز چىقىرىپ، خەلقئارالىق جامائەتچىلىكنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3266 قېتىم كۆرۈلدى
06/02/2025 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق