خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچا شەھىرىدە 5-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 05:42 دە (شىمالىي كەڭلىك 41.23 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.74 گىرادۇس) 5.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
خىتاي يەر تەۋرەش تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى تارىم يېزىسىغا 13 كىلومېتىر، بۈگۈر ناھىيەسىگە 74 كىلومېتىر، شايار ناھىيەسىگە 80 كىلومېتىر، كۇچا شەھىرىگە 82 كىلومېتىر، يېڭىسار ناھىيەسىگە 100 كىلومېتىر، باي ناھىيەسىگە 170 كىلومېتىر كېلىدىكەن. يەر تەۋرىگەندە كۇچا شەھىرى، كورلا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا سىلكىنىش ھېس قىلىنغان.
خىتاي يەر تەۋرەش تورىنىڭ قىسقا خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 25 كىلومېتىر ئەتراپىدا 2 بالدىن يۇقىرى 181 قېتىم يەر تەۋرىگەن بولۇپ، ئەڭ كۈچلۈكى 5.6 بال ئىكەن.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئىككى قېتىملىق دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، ئەتراپتىكى شايار، يېڭىسار، باي، ئونسۇ قاتارلىق يەرلەردە تەۋرەش ھېس قىلىنغان بولۇپ، شەھەر رايونىدىكى ئالاقە، توك تەمىناتى، قاتناش يوللىرى ۋە مۇھىم ئورۇنلارنىڭ ئەھۋالى نورمال بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدا دوكلات تاپشۇرۇلمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ