ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو پانامانىڭ خىتاينىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش پىلانىدىن چېكىنگەنلىكىنى قارشى ئالغان بولۇپ، رۇبىيو بۇنى «ئالغا ئىلگىرىلىگەن چوڭ بىر قەدەم» دەپ تەرىپلىگەن.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو پانامانىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتناشماسلىق قارارىنى ماختاپ، بۇنى ئامېرىكا-پاناما مۇناسىۋىتىدىكى ئىجابىي ئۆزگىرىش، دەپ تەرىپلىگەن. پاناما پىرېزىدېنتى خوسې رائۇل مۇلىنو بۇ كېلىشىمنىڭ يېڭىلانمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ تەسىرى ۋە قەرز تۇزىقى دىپلوماتىيەسى ئىزچىل ئەندىشە قوزغاپ كەلگەن.
ماركو رۇبىيو ئەركىن پاناما قانىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش پانامانىڭ بۇ سودىلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە ئامېرىكا ياكى ياۋروپا شىركەتلىرىنى تەكلىپ قىلىشىنىڭ يوشۇرۇن يولى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ