خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 3-فېۋرال ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادا زىيارەتتە بولدى.
ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ۋە باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن. ھەيئەت ئالدى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياشلار ۋەكىللىرى ۋە ئاسترىد نادىيا رىزقىتا خانىم قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلغان.
بۇ جەرياندا تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئىتى، باش كاتىپى بىلەن مۇھەممەدىيە، بېرسىس ۋە پەلەستىن دوستلۇق تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئارقىدىن بۇيا ئامىرشاھ تامبۇنان ۋە دوكتور سۇدارنوتو بىلەن بىرلىكتە 2025-يىللىق ھىندونېزىيە-ئۇيغۇر خەلق دىپلوماتىيەسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
ھەيئەت ئاخىرىدا يەنە ئىسلام ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى (Himpunan Mahasiswa Islam) مەركىزىي ئىدارە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ھەمكارلىشىش توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ