ئىستانبۇلدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

1997-يىلى 5-فېۋرال يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 5-فېۋرال خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاينىڭ تارىختىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا 1997-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە خىتاينىڭ شۇ كۈنى رامىزاندا ئىبادەت قىلىۋاتقان خەلقنى باستۇرۇش جىنايىتىگە قارشى كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق سوغۇقتا سوغۇق سۇ چېچىپ توڭلىتىپ ياكى ئوققا تۇتۇپ قىرغىن قىلغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتكە چېتىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئېغىر جازالىغانلىقىنى، خىتاي نامايىشنى باھانە قىلىپ غۇلجا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە 20 نەچچە مىڭدىن ئارتۇق خەلقنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

باياناتتا يەنە يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى ۋەيران قىلغانلىقى، خەلقنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا خىتايغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ساق-سالامەت تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك دۇنياسىنى خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماي، ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىگە بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى، شۇنداقلا غۇلجا قەتلىئامنىڭ گۇۋاھچىسى قاسىمجان داموللام سۆز قىلدى. ئۇ 28 يىل ئىلگىرى غۇلجا قەتلىئامىدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش روھىنى ئۇنتۇماسلىق، پىداكار روھىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش يولىدا كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىش شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىتايغا قارشى جانلىرىنى ئاتىغان بارلىق شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇشى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالار بىلەن ئاخىرلاشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 141 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2025 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق