ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 3-فېۋرال يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي چەت ئەلگە چىقماقچى بولغان ياكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسىنى يوقلىماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق چەكلىمە قويغان بولۇپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا «ھەممە ئىش نورمال» دېگەن ئوبرازنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان.
مەركىزى نىيۇيوركقا جايلاشقان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى يالقۇن ئۇلۇغيول: «گەرچە ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئېلىش ۋە ئائىلىسى بىلەن قىسقا مۇددەت جەم بولۇشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەزىيەت 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى كەڭ كۆلەمدە مۇسادىرە قىلغانغا قەدەر قىسقا مۇددەت داۋام قىلدى. خىتاي يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا. ئۇلارنىڭ چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىنكى سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق چەكلىمە قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەت ئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن جازالىماقتا» دېگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىنى سەپەر مەقسىتى ياكى چەت ئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى قاتارلىق تەپسىلىي مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن. چەت ئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغۇچىلار سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىشى ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا خىتايغا قايتىپ كېلىشى كېرەك بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئادەتتە بىر نەچچە كۈندىن بىر نەچچە ئايغىچە بولىدىكەن.
ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇلارغا ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە ھەر بىر ئائىلىدىن پەقەت بىر ئادەمنىڭلا چىقىشىغا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، كېپىل تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە سەپەرگە چىققانلار ئىچىدىن چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغانلارنىڭ ئائىلىسى ياكى كېپىللىرىنىڭ قاتتىق جازالىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
چەت ئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئۇيغۇرلار سەپەر جەريانىدا خىتايدىكى بېكىتىلگەن بىر ئەمەلدارغا ئىش-ھەرىكىتىدىن مۇنتىزىم دوكلات بېرىشى، قايتقاندىن كېيىن ئالاقىدار خادىملار ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىشى كېرەك ئىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىغا: «دادام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەھەللە كومىتېتى، يەرلىك ساقچىخانا ۋە ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، نەلەرگە بارغانلىقى ۋە باشقىلار بىلەن نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكىنى سورىدى» دېگەن.
دوكلاتتا يەنە نۆۋەتتە خىتاينىڭ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك بىر كۆرۈنۈشنى پەيدا قىلماقچى بولغانلىقى، چەت ئەلگە چىقماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشتىن باشقا، يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولماقچى بولغان، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق شەرتلەرنى قويغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتقا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك بولۇپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندىن كېيىن، قايتا-قايتا سوراق قىلىنىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇلار تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرالماي، پەقەت مېھمانخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. بەزى ئەھۋاللاردا خىتاي ئەلچىخانىلىرى بەزى چەت ئەللىك ئۇيغۇرلارغا خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن ئاتالمىش «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ساياھىتى»گە قاتنىشىشنى ئېيتىدىكەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى، 2022-يىلى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ