ھەرقايسى دۆلەتلەردە غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا، 2-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سىتوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان.

نامايىشچىلار بۇ جەرياندا خىتايغا قارشى غەزىپىنى ئىپادىلەپ: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاش بىلەن  بىرگە، ئۇيغۇر ۋە شىۋېت تىلىدا بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي چەكلىمە، سىياسىي باستۇرۇشلىرى تەكىتلەنگەندىن باشقا، 1997-يىلى 4-فېۋرال غۇلجىدا خىتاينىڭ رامىزاندا ئىبادەت قىلغان ئاياللارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ 5-فېۋرال نارازىلىق نامايىشى قىلغانلىقى، خىتاي شۇ قېتىمقى تىنچ شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى ئوققا تۇتۇش، قەھرىتان سوغۇقتا سوغۇق سۇ چېچىش ۋاسىتىسى بىلەن باستۇرغانلىقى، نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى شېھىت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرى نامايىشچىلارنىڭ خىتايغا قارشى توۋلىغان شوئارلىرىدىن، سادالىرىدىن قاتتىق بىئارام بولغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا قارشى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ياڭراتقۇسى بىلەن خىتاينىڭ ماتەم مۇراسىمىدا قويىدىغان مۇزىكىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا قويۇپ بېرىپ، نامايىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئۇندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا بۇ ئالاھىدە كۈننى خاتىرىلىگەن بولۇپ، 2-فېۋرال ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 28 يىللىقىنى خاتىرىلەش نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. توكيونىڭ ئەڭ ئاۋات رايونى بولغان شىنجۇكۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى ياپونلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ تەسىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئالاھىدە زور بولغان.

گوللاندىيەدىمۇ 5-فېۋرال كۈنى غۇلجا قىرغىنچىلىقى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ۋە ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن شۇ كۈندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىز پۈكمەس روھى ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيانە جىنايەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

قىرغىزىستاندىمۇ قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەشكىللىشى بىلەن، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 160 قېتىم كۆرۈلدى
05/02/2025 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق